Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 _ پىرئەۋن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئەي مۇسا، ئۇ چاغدا سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 7:9
15 Referans Kwoze  

يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! - دەپ سوئال قويدى.


_ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!


پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: _ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.


ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟


بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى سەن بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا قولىدىكى تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى.


لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق.


ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي مىسىر پىرئەۋنى، سەن نىل دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدا ياتقان ۋەھشىي مەخلۇقسەن، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن. سەن: ‹نىل دەرياسى مېنىڭدۇر، ئۇنى مەن ياراتتىم› دەيسەن.


مۇسا تايىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار چاقماق چاقتۇرۇپ، گۈلدۈرماما ياڭرىتىپ، مىسىر زېمىنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇشقا باشلىدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.


پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا يىلاندىن قاچتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite