Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 7:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال، قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا ئىدىش ۋە تاش كۈپلەردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 7:19
15 Referans Kwoze  

مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ دېڭىزغا قولۇڭنى شىلتى، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: _ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى.


مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.


خۇدا قۇرۇق يەرنى «زېمىن»، يىغىلغان سۇلارنى «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.


ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە سۆزۈڭگە ئىشەندۈرەلمىسە، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك، سۇ شۇ ئان قانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.


ئاندىن تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ.


ئېلىشا گېخازىغا: _ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. بېرىپ، ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟ غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟ ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبە بىلەن جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە، تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟


مىسىرنىڭ توقۇمچىلىرىغا مۇسىبەت بولىدۇ، بارلىق ئىشلەمچىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite