مىسىردىن چىقىش 7:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: _ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ. Gade chapit la |
بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.
بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا: _ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا، ئۇنى سىلەر ئۆيگە كىرگۈزمەڭلار، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ، _ دېدى.