Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلار تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ، داد-پەرياد قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 6:5
11 Referans Kwoze  

خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.


ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداغقىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بالاسى بارلىق جانلىقلارنى قايتا ھالاك قىلمايدۇ.


لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.


ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. لېكىن ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن قاتتىق ئازاب چېكىۋاتاتتى. ئۇلار خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى خۇداغا يەتتى.


مىسىر پادىشاھى مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى قىلماقچىمۇسىلەر؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite