27 پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادىڭلارغا بېرىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.
مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى.
دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.
لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «خۇدا بىزنىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن پىرئەۋنگە ئەمر قىلدى» دەڭلار _ دېدى.
پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا:
كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.
سامۇئىل خەلققە: _ مۇسا بىلەن ھارۇننى تاللىغۇچى ھەم ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچى دەل پەرۋەردىگاردۇر.
ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.