Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 6:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 6:23
19 Referans Kwoze  

يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر.


ئامرامنىڭ بالىلىرى: ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.


رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقىنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.


يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،


رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى،


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن.


مۇسا، ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ھەمدە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇلارنى ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ بىرلىكتە ماڭا سەجدە قىلىڭلار.


ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.


مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.


_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.


مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ.


مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى.


ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite