مىسىردىن چىقىش 6:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى. Gade chapit la |
ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.