11 _ سەن پىرئەۋننىڭ، يەنى پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: _ مەن سېنى پىرئەۋن ئالدىدا خۇددى مەن خۇدادەك قۇدرەتلىك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى بىر پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەندەك پىرئەۋنگە يەتكۈزىدۇ.
_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، ساڭا دېگەن سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى.
مەن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما سەن ئۇلارنى قەتئىي قۇتقۇزمىدىڭ! _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.
شۇڭا سېنى پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.
ئۇ چاغدا سەن پىرئەۋنگە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.
ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: