Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 پىرئەۋن شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 5:6
14 Referans Kwoze  

كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى.


مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا: _ پىرئەۋن بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار،


ئۇززىيانىڭ قىسىملارغا بۆلۈنگەن ھەم جەڭگە تەييار قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى.


ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى.


بارلىق ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئاقساقاللار، يېتەكچىلەر، سوتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ يېرىمى گىرىزىم تېغىغا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بولدى.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن.


شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.


ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس.


يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.


_ بۇندىن كېيىن ئىسرائىللارنىڭ كېسەك قۇيۇشى ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite