Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 5:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 _ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 5:21
19 Referans Kwoze  

ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا: _ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.


پادىشاھ خانۇن ۋە خەلقى ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھتىكى خەلقلەردىن جەڭ ھارۋىلارنى لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياللاپ ئالدى.


ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى. ئۇ ئىچىدە: «داۋۇت ئۆزىنى ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.


بارلىق ئىسرائىللار سائۇلنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.


مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.


ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ: _ ھەممىنى قىلغان سىز! مەن ھەجەرنى سىزگە قوشۇپ قويغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى پەش قىلىپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. كىمنىڭ قىلغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.


شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.


بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك، قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ.


ئۇلار مۇساغا: _ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەجەبا، بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمىدىڭىز؟ بىزگە مىسىردا ياتقۇدەك گۆر چىقار بولغىيدى؟


ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.


ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.


ئۇلار پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا:


خەلق: _ نېمە ئىچىمىز؟ _ دەپ، مۇساغا نارازىلىق بىلدۈردى.


چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:


پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.


مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق


يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite