12 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىزدىن سامان توپلايدىغان بولدى.
بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى باشقا چىداملىق ۋە قىممەتلىك تاشلارنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا، يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كۆيۈپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئۇلاردىن جەڭ ھارۋىلىرىدەك چاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇلار تاغ چوققىلىرىدا سەكرەپ يۈرىدۇ. ئۇلاردىن يەنە قۇرۇق پاخال كۆيگەندەك قاراسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا سەپ تۈزگەن چوڭ قوشۇنغا ئوخشايدۇ.
قارا، ئۇلار خۇددى ئوتقا تاشلانغان ساماندۇر، ئوت ئۇلارنى يالماپ يۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ! بۇ ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئەمەس، ئىسسىنىمەن دەپ، بۇ ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالما!
شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.
چەكسىز ھەيۋىتىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلدى ساڭا قارشى چىققانلارنى، قەھر-غەزىپىڭ ساماندەك ئۆرتىدى ئۇلارنى.
قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق كېسەكنىڭ سانىنى قەتئىي كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، _ دېدى.
ئەمگەك نازارەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇلارنى: «سىلەرگە سامان بېرىلگەن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى.