Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 40:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ئۇلارنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 40:9
16 Referans Kwoze  

ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.


مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.


سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر.


قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى.


ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.


ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى، شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى. ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.


تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


ئۇ ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلارنى ياسىدى.


ئۇ يەنە ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردا قۇربانلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى.


چېدىرنىڭ ئەتراپىنى رەختلەر بىلەن توسۇپ، ھويلا ياساپ، كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئېسىپ قويغىن.


مەن سېنى ئېرەم بېغىمنى قوغدايدىغان كېرۇب قىلىپ تاللىدىم. سەن مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىدىڭ، ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدا ماڭاتتىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite