5 ئالتۇن ئىسرىقداننى ئېلىپ كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. ئاندىن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتىپ قويغىن.
شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن.
چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.
ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ سىرتىغا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر.