30 مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، پاكلىنىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى.
پاكلىنىش دېسىنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن.
مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.
ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.
ئۇ پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ھەدىيە قىلغان تۇچ ئەينەكلەردىن ياسىدى.
ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ياكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە داستىكى سۇ بىلەن پۇت-قولىنى يۇيىدىغان بولدى.