24 ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن.
يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.
نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.
ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى.
چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.
شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىغا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، چىراغدان مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇلسۇن.
شىرەنى چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن.
شىرەگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تىزدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئاندىن چىراغداندىكى چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېقىپ قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.