22 مۇسا شىرەنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى.
شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىغا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، چىراغدان مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويۇلسۇن.
مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.
ئۇ چىراغداننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە شىرە بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويدى.
شىرەنى چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن.