21 ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار سېلىنغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن.
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىغا توغرا كەلسۇن. پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدۇ.
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە،
بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.