Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 40:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 40:2
21 Referans Kwoze  

ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.


سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار.


مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن.


ئاندىن تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئىككى پارچە چوڭ يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلدى.


يوپۇقلار، ئىلمەكلەر، راملار، توغرا بالداقلار، تۈۋرۈكلەر ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى،


بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.


ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يوپۇقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن 11 پارچە قېلىن يوپۇق توقۇسۇن.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ،


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:


ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.


مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىنى ماكان قىلىپ باقمىدىم. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كۆچۈپ يۈردۈم، پەقەت چېدىرنى ماكان قىلدىم.


خىزكىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى.


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 25-يىلى، يەنى يېرۇسالېم قولدىن كەتكەنلىكىنىڭ 14-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite