18 مۇسا پۇتلارغا راملارنى ئورنىتىپ، توغرا بالداقلىرىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلىرىنى ئورناتتى.
تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ،
خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.
ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر.
لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.
ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.
يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.
ئاراڭلاردا ماكان تۇتىمەن. مەن سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن.
_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ،
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى.
ئاندىن ئۇ پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى رەخت يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئۈستىنى باشقا يوپۇقلار بىلەن قاپلىدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىنى ماكان قىلىپ باقمىدىم، بەلكى ئىبادەت چېدىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ئايلىنىپ يۈردۈم.