14 ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ،
سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.
سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.
ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا ئۇ مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ.
خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس ياغ سۈركىگىن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ تونچە كۆڭلەك
ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىدى، باشلىرىغا سەللە يۆگىدى، ھەممە ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى.