Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 4:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئاندىن پەرۋەردىگار: _ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقاردى، بۇ قېتىم قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 4:7
6 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، يەتتە قېتىم سۇغا چۆمۈلدى. شۇنىڭ ئۇ پاكلىنىپ، تېرىسى خۇددى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئەسلىگە كەلدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.


بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.


بىر يېزىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭ ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار ناپاك بولغاچقا، يېقىن كەلمەي يىراقتا توختاپ:


پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite