مىسىردىن چىقىش 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ مۆجىزە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى. Gade chapit la |
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.
_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەر بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.