30 ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم مۇسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى.
ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خەلققە سۆز قىلىدۇ. سەن خۇددى ماڭا ئوخشاش، ئۇنىڭغا نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن.
بىراق مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسا ۋە ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.
سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. سېنى ۋە ئۇنى سۆزمەن قىلىمەن ۋە ھەر ئىككىڭلارغا نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆگىتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.