27 شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: _ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى.
مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.
پەسكە چۈش! ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەي، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بار. چۈنكى، ئۇلارنى مەن ئەۋەتتىم! - دېدى.
ئىككى ئادەم ھامىنى بىر ئادەمدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى.
خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى.
مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن:
ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە: _ مەن سىزنىڭ ئاتىڭىزنىڭ جىيەنى بولىمەن، يەنى ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى. راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى.
(زىپپورا ئوغلىنى خەتنە قىلىپ، مۇسانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «خەتنىنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى.
يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا، يەنى مۇسا قارارگاھ قۇرغان چۆللۈككە كەلدى.
شۇڭا مۇسا قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى تەزىم قىلىپ كۈتۈۋالدى ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇ مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى.
مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋا ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا چىقتى.
ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.