26 (زىپپورا ئوغلىنى خەتنە قىلىپ، مۇسانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «خەتنىنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى.
شۇڭا مۇسانىڭ ئايالى زىپپورا قىرلىق بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، خەتنىلىكىنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزدى ۋە مۇنداق دېدى: _ سەن ھەقىقەتەن خەتنىلىك قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن.
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: _ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى.