مىسىردىن چىقىش 4:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن. Gade chapit la |
_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەر بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار.
ئۇ چاغدا پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگراسىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋالىمىز.