Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 4:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 4:20
10 Referans Kwoze  

مۇسا يوشۇۋاغا: _ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ، تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى.


ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: _ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.


بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى سەن بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.


مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىدىيان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.


زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.


ئاندىن تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ.


ئۇ قارارگاھقا كېلىشتىن بۇرۇن مۇساغا ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite