Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 4:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يىترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئاق يول تىلىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 4:18
11 Referans Kwoze  

مۇسا مىديان روھانىيسى، يەنى قېيىنئاتىسى يېترونىڭ (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. ئۇ بىر كۈنى پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى.


قۇل ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە خۇدادىن كەلگەن تەلىمنىڭ كۇپۇرلۇققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


گۇندىپاي پاۋلۇسقا: - ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ. تىنچ-ئامان قايتىڭلار، - دېدى.


ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى.


_ ئامان-ئېسەن بولغىن، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.


يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىدىن گەپ قىلىشالماي تۇرۇشۇپلا قالدى.


مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپپورانى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.


ئېلىشا: _ خاتىرجەم بولغىن، كېتىۋەرگىن، _ دېدى. نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.


ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.


ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىدۇ ھەم پاكلىنىسەن» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite