9 كۆكرەكلىك تىكىلىدىغان رەختنى ئىككى قاتلاپ، تۆت چاسا قىلىپ، خالتا شەكلىدە تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ ئوخشاشلا 25 سانتىمېتىردىن ئىدى.
ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاقىلىدىغان كۆكرەكلىكنى ئۇستىلىق بىلەن تىكتى. كۆكرەكلىكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى پەرتۇق بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىمۇ ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى.
كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستىگە تۆت قۇر گۆھەر قادىدى. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت قادىدى.