7 ئاندىن ئۇلارنى پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قاداپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.
پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
ھارۇن ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكىنى مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارغا دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.
پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. پەرتۇقنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن.