Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئىككى دانە يوللۇق ھېقىقنى ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇپ، ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:6
8 Referans Kwoze  

ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن.


سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.


ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.


باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.»


باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.


ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلىدىغان نەقىشلەردەك ئويۇلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككى تاش ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ،


پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.


پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسىنى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، ئۇنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەپ، پەرتۇققا ئۇلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite