Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس، مۇقەددەس كىيىملەر.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:41
7 Referans Kwoze  

ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر،


ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ تونچە كۆڭلەك، پوتا ۋە باش كىيىم تىكىلسۇن. شۇندىلا ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.


ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر،


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.


ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite