Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بالداقلار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:39
7 Referans Kwoze  

شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالدى. شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.


بۇ تۇچلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ شالاسى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر،


بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېرىم چوڭقۇرلۇقىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. تۇچتىن تۆت دانە ھالقا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە، يەنى شالانىڭ ئۇدۇلىغا ئورنىتىلسۇن.


_ ئىسرائىللار تۇچتىن بىر پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ ياساپ، ئۇنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويسۇن ۋە ئىچىگە سۇ تولدۇرسۇن.


ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى،


ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسىدىغان رەختلەر، تۈۋرۈكلەر، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى، تانىلار، قوزۇقلار ۋە چېدىردا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسىلەر،


_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite