مىسىردىن چىقىش 39:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى32 ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. Gade chapit la |
بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.