Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەرنى مۆھۈرگە ئويغاندەك ئويدى

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:30
11 Referans Kwoze  

ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىدىكى قوڭغۇراقلارغا «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر ئويۇلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئادەتتىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان داسلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن.


ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پوتا تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite