Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ۋە تامبال تەييارلىدى. ھارۇن ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن سەللە، ئوغۇللىرى ئۈچۈن باشقا باش كىيىم ھازىرلىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:28
11 Referans Kwoze  

ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن.


بېشىغا زىغىر رەختتىن قىلىنغان سەللە يۆگىسۇن، زىغىر رەختتىن قىلىنغان تامبال كىيسۇن، ئادەمنى ئاسان تەرلىتىدىغان كىيىم كىيمىسۇن.


بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تامبال تىكىلسۇن. تامبال پەقەت ئەۋرىتىنى يېپىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تىزىغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولسۇن.


ھارۇننىڭ تونچە كۆڭلىكى ئېسىل زىغىر يىپتىن توقۇلسۇن ۋە سەللىسى ئېسىل زىغىر رەختتە قىلىنسۇن ھەم پوتىسى كەشتىلەنسۇن.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ تونچە كۆڭلەك، پوتا ۋە باش كىيىم تىكىلسۇن. شۇندىلا ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تونچە كۆڭلەك تىكتى


ئېسىل زىغىر رەختتىن بىر پوتا تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.


باش كىيىملىرى، پۇتىدىكى زەنجىرلەر، كەمەرلەر، ئەتىر قۇتىلار، تۇمارلار،


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.


پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite