27 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن تونچە كۆڭلەك تىكتى
بېشىغا زىغىر رەختتىن قىلىنغان سەللە يۆگىسۇن، زىغىر رەختتىن قىلىنغان تامبال كىيسۇن، ئادەمنى ئاسان تەرلىتىدىغان كىيىم كىيمىسۇن.
شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار.
چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.
مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىدى، باشلىرىغا سەللە يۆگىدى، ھەممە ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى.
پېشىگە ئانار ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئېسىلغان بۇ پەرىجىنى روھانىيلار روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ۋە تامبال تەييارلىدى. ھارۇن ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختتىن سەللە، ئوغۇللىرى ئۈچۈن باشقا باش كىيىم ھازىرلىدى.
ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.
ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرگەندە، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيسۇن. ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ۋە ئىبادەتخانامدا خىزمىتىمنى قىلغاندا، قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم كىيمىسۇن.
ھارۇننىڭ سەللىسىنىڭ ئالدىغا تاقاش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن بىر دانە ئالاھىدە قاداق ياسالسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن.