Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئاندىن كۆكرەكلىكنىڭ پەس تەرىپىدىكى ھالقىلار بىلەن پەرتۇقتىكى ھالقىلارنى بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، پەرتۇققا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:21
7 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى.


چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر.


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!


باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.


پەرتۇقنىڭ بەل تاسمىسى پەرتۇققا ئوخشاش ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلىنىپ، پەرتۇققا ئۇلانسۇن.


شۇنداقلا پەرتۇقنىڭ بەل قىسمىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە، يەنى بەل تاسمىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتتى.


پەرتۇقنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان پەرىجىنى كۆك رەڭلىك يىپتىن توقۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite