Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 39:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 39:1
14 Referans Kwoze  

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر،


كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە چىداملىق تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلىرى ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ ھەدىيە قىلىشتى.


روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر.


ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك، يىلمۇيىل قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق.


ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.


تاغ ئۈستىدىكى ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئەڭ مۇقەددەس يەر دەپ قاراڭلار. ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم بەلگىلىمە مۇشۇدۇر.


روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.


ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ.


روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت قىلغاندا كىيىدىغان نەپىس، مۇقەددەس كىيىملەر.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،


ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ھويلىغا ئىشلىتىلگەن قوزۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى.


ئۇستىلار بۇلارنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite