Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 38:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى توسۇپ، ھويلا ياساش ئۈچۈن ئېسىل زىغىر رەختلەرنى تەييارلىدى. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر بولاتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 38:9
13 Referans Kwoze  

دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ، قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.


تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.


سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.


ئۇ يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنى پۈتتۈردى. ھويلا تېمىنى ھەربىر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇپ، قوپۇرۇپ چىقتى.


مۇسا ئىبادەت چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رەخت تارتىپ، ھويلا ياسىدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشلارنى تاماملىدى.


چېدىرنىڭ ئەتراپىنى رەختلەر بىلەن توسۇپ، ھويلا ياساپ، كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئېسىپ قويغىن.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


ئۇ رەختلەرنى ئېسىش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۈۋرۈك ۋە يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسىدى. تۈۋرۈكلەرگە كۈمۈشتىن ئىلمەك ياساپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى ياپىلاق كۈمۈش چەمبەر بىلەن قاپلىدى.


ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلار، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى شۇنداقلا شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇقلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن.


ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلارغا، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite