Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 38:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇ پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ھەدىيە قىلغان تۇچ ئەينەكلەردىن ياسىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 38:8
23 Referans Kwoze  

كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.


ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.


پاكلىنىش دېسىنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن.


ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەرمۇ گۇناھلىرىڭلاردىن پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، - دېدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.


ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.


سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا، باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى.


پېترۇس تاشقىرىدىكى ھويلىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سەن جەلىلىيىلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى.


نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!


ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى 2 مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئۇلارنى ئون ھارۋىغا بىردىن قويدى.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


بۇ بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، تاختايدىن ياسالغانىدى. قۇربانلىق سۇپىسى پەرۋەردىگار تاغدا مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئۇ يەنە كەڭلىكى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدۇردى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى.


ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite