22 يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، يەنى ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالئېل پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بولغان بىزالئېلنى تاللىدى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن ئۆزۈڭنى ھەرگىز كىچىك چاغلىما. مەن سېنى نەگە ئەۋەتسەم، سەن شۇ يەرگە بارىسەن. مەن ساڭا نېمە دېيىشنى ئەمر قىلسام، شۇنى دەيسەن.
كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.
ئەھدە چېدىرى، يەنى ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتتى.
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.