Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 38:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلىدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى ھويلىنى توسىدىغان رەختلەرنىڭ ئېگىزلىكىدەك 2.5 مېتىر ئىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 38:18
5 Referans Kwoze  

سۇلايمان يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلەتتى.


_ ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن ئون پارچە يوپۇق تەييارلىسۇن. بۇ يوپۇقلار ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلىپ، ئۇلارغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن.


بۇنىڭدىن باشقا، ئېسىل زىغىر رەختتىن يەنە بىر پەردە تىكىلىپ، ئۇ كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەنسۇن ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپى، يەنى ئادەم كىرىدىغان تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلسۇن.


تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە چەمبەرلەر كۈمۈشتىن تەييارلاندى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. دېمەك، ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا ياپىلاق كۈمۈش چەمبەرلەر بولدى.


پەردە تۇچتىن ياسالغان تۆت دانە پۇتقا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرگە ئېسىلاتتى. تۈۋرۈكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمەك ۋە چەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite