Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 38:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت چاسا شەكىللىك بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 38:1
19 Referans Kwoze  

شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىدى. ھەربىر تەرىپى ئىككى مىڭ ئىككى يۈز چاقىرىم كەلدى. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە تەپمۇ-تەڭ ئىدى.


بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانلىق سۇپىمىز باركى، بىز ئۇنىڭدىكى گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەينى چاغدا ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغان روھانىيلار بولسا گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايتتى.


سۇلايمان يەنە قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ، تۇچ بىلەن قاپلانغانىدى.


ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى قويۇپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قويدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.


قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى،


كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ،


قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە بۆرتۈپ چىققان شەكىللەر بار ئىدى. بىزالىل بۇ شەكىللەرنى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن بىرلىكتە ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن سۇپىنى تۇچ بىلەن قاپلىدى.


ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite