Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 37:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 37:9
15 Referans Kwoze  

خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.


خۇدانىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن شەكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.


بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.


ئاندىن، شاگىرتلىرىغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! - دېدى.


ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى.


يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇرسۇن.


ئۇ چۈشىدە يەردىن ئاسمانغا تۇتاشقان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى.


خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.


«گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، قاپقاق بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈردى.


بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر شىرە ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر بولۇپ،


سۇلايمان ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى. بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، ئىككىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite