Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 37:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى 125، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى ياسىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 37:6
11 Referans Kwoze  

شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار «مېھىر-شەپقەت تەختى» دەپ ئاتالغان ساندۇق ئاغزى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى مەن بۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.


خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.


داۋۇت ئوغلى سۇلايمانغا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى، ئامبارلىرى، يۇقىرى خانىلىرى، ئىچكىرى خانىلىرى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ، يەنى گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى بەردى.


ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تەييارلاشتۇر: ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە چېدىردىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنى ئەھدە ساندۇقى، «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»،


ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite