Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 37:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چىنە ۋە چەينەكلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 37:16
8 Referans Kwoze  

باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى بولسا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ.


لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي،


ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى.


شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چەينەك ۋە چىنىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.


بالداقلارنىمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.


ئۇ ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىدى. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى.


ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite