Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 36:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 36:2
15 Referans Kwoze  

ھېچبىر كىشى باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ.


ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن.


مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تاللىدىم. ھەممە ھۈنەرۋەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، مەن بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ياساش ئىقتىدارىنى بەردىم.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى.


بۇ ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ھەر خىل بۇيۇملارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟


_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى ياسىسۇن:


«ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈنى ئىشلىگەنلا كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.


_ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار.


شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.


ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشىغا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى.


مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.


بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite