Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 36:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 يوپۇقلارنى كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلاپ، بەش دانىسىنى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسىنى بىر پارچە قىلىپ ئۇلىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 36:10
15 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى روھىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر باشقىچە ئوي-پىكرىڭلار بولسا، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.


دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر.


ئەمەلىيەتتە، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىر تەننىلا تەشكىل قىلىدۇ.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.


«كېيىن ئەللەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ۋە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرىنى پاكلايمەن.


قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.


يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر.


يوپۇقلار كەڭلىكلىرى تەرىپىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بەش دانىسى بىر پارچە، يەنە باشقا بەش دانىسى بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن.


ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 14 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر ئىدى.


ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ چېتىگە ئەللىك دانىدىن كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكتى. بۇ ئىككى پارچىدىكى تىكىلگەن ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل كېلەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite