Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 36:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇڭا ئىبادەت چېدىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار ئەقىل-پاراسەت، ئىقتىدار ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئىبادەت چېدىرىنى قانداق ياساشنى بىلىدىغان كىشىلەر ياسىسۇن.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 36:1
19 Referans Kwoze  

بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.


ئۇستىلار كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىملىرىنى تىكتى. ھارۇن ئۈچۈن تىككەن مۇقەددەس كىيىملەرنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە تىكتى.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا.


كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.


بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.


مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى.


ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۆنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى.


مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.


ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.


مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىقلار. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن.


ئۇنىڭ دان قەبىلىسىدىن بولغان ياردەمچىسى، يەنى ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىئاب ئويمىچىلىق، نەققاشلىق ھۈنىرىنى، شۇنداقلا ئېسىل زىغىر رەختكە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.


خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite